تونۇلغان ئوبزورچى س ج ۋېرلېمەن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى تونۇلغان ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى س ج ۋېرلېمەن لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ھالال ئورگان» تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

س ج ۋېرلېمەن «مېدىيۇم» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا يەنە، ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بەدەن ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بارلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە خىتاي تىلىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۆزىنى «ئەيلى» دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي ئايالنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋىدىيوسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي ئايال شاڭخەيدىكى مەزگىلدە 37 نەپەر سەئۇدىلىق ئەرەب بىمارغا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن ئورگان، يەنى ئادەم ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈلگەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. س ج ۋېرىلمەن يەنە، ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تور بەتلەردە خىتايدا «ھالال ئورگان» يۆتكەش ھەققىدىكى ئېلانلارنىڭ ناھايىتى ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

س ج ۋېرلمەن يەنە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەنۋەر توختى، ئەركىن سىدىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەنگىلىيەدىكى بىر مۇستەقىل ئورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتتىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە 69 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئىچكى ئەزاسى يۆتكەيدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىدىن ئېلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە دوكلاتى بارلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق دېتاللارنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئورگان تىجارىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتىپ «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى بۇ زور قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى ئۈچۈن يەنە قانداق پاكىتقا ئېھتىياجى بار» دەپ سورىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت