ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى: «لاگېردىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR)نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى روب شمىتېز 25‏-ئاپرېل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بىر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەردىكى بىر تەربىيەلەش لاگېرىنى كەزگەن.

روب شمىتېز 25‏-ئاپرېل ئۆزىنىڭ «قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم تەربىيە مەركىزى» دېگەن نامدىكى بۇ ئورۇندا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى تۋېتىردا ئېلان قىلدى. روب شىمىتېزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەركەزنىڭ مىجىت ماھمۇت ئىسىملىك مەسئۇلى بۇ ئورۇندا 20 ياشتىن 40 ياشقىچە 1500 كىشى بارلىقى، ئۇلارنىڭ «ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى»، ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇندا 7 ئايدىن بىر يېرىم يىلغىچە تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىجىت ماھمۇت مۇخبىرلارغا يەنە بۇ ئورۇننىڭ قەشقەردىكى بىردىن-بىر تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكى، «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن روب شىمىتېزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا بىر يىلدەك بولغان بولۇپ، ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

لاگېردىكى بىر ئايال ئۇنىڭغا بالىلىرىنىڭ ئۇسۇل ۋە ناخشا ئېيتىشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر ئەركەك، ئايالىنىڭ ئىشلىشىگە يول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ يەرگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ چەتئەل دىپلوماتلىرىنى ۋە مۇخبىرلىرىنى بۇ ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇشقا باشلىغان. لېكىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بويىماقتا ئىكەن. يېقىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ قىلتاققا چۈشمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

روب شىمىتېزنىڭ ئۇچۇرى زور قىزىقىش قوزغاپ، لاگېرلارغا ئائىت ھەر خىل سوئاللار قويۇلدى. كانادادىكى خىتاي پائالىيەتچى شاۋېن جاڭنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، NPR مۇخبىرى زىيارەت قىلغان بۇ ئورۇن قەشقەر يېڭى شەھەردىكى لاگېر ئىكەن. ئۇ بۇ لاگېرنىڭ سىم توسۇق ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت