ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «غەلىتە» نوپۇس يۆتكەش پائالىيەتلىرى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولغان نوپۇس مەسىلىسىدە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بەزى «غەلىتە» ھادىسىلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي قۇرۇلمىسىدىكى مەمۇرىي خادىم قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن تۆت مىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خادىملارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ھەر خىل مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خادىملار ئاقسۇ، قەشقەر، بايىنغولىن ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى بىڭتۇەنلەردىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇتەخەسسىسلەر بىڭتۇەننىڭ مەزكۇر دېۋىزىيە لىرىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا خىتايلارنىڭ ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توقسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت تارماقلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەش» نامىدا يېرى يوق، ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ يوق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دە مەلۇم مەزگىل ئوقۇتۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە يوللاپ بەرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىنلا 5500 دىن ئارتۇق كىشىنى سىرتقا يۆتكەپ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان». نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ يىل ئاخىرىدا 17 مىڭغا يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز يۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا بۇ كىشىلەرنى ‹ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى› نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش شۇنىڭدەك خىتايلارنى ئاساس قىلغان بىڭتۇەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ياشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كېلىش ئىشى دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر، » دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت