مايكېل كلارك: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە كەچمىشتىكى ئىستىبداتلارنىڭ ئەرۋاھى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسورى مايكېل كلارك 25‏-ئاپرېل ئۇزۇن ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىنى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئانالىز قىلغان.

مايكېل كلارك ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلار بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇلاگ نامىدىكى ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭ پەرقى ھەم ئوخشاشلىقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ كىشىگە ئىستالىننىڭ گۇلاگلىرىنى ۋە ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايكېل كلارك ««خىتاينىڭ ئۇيغۇر قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە كەچمىشتىكى ئىستىبداتلارنىڭ ئەرۋاھى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيە رېجىمىنىڭ بىخەتەرلىك، مىللەتلەر ۋە ئىرقىي مەسىلىلەردىكى چۈشەنچىسىنى ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ناتسىستلار ۋە سوۋېتلار بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۇ سېلىشتۇرما بۈگۈن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن ئۆتمۈشتىكى يۇقىرىقى مىساللار ئارىسىدا ناھايىتى زور ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تاكتىكىلىق پاراللېللىق بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن. مايكېل كلارك، تاكتىكا جەھەتتە بېيجىڭنىڭ ناتسىستلار ۋە سوۋېتلارگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىگە يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى ئىككى ئىستىبدات ھاكىمىيەت قىلغاندەك كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا سېلىپ، «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ چاتاق تېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا ئىكەن.

مايكېل كلارك يەنە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ۋاقتىدا چەتئەللىكلەرنى گۇلاگلارغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغاندەك خىتاينىڭمۇ چەتئەللىكلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇ بۇ ئارقىلىق خەلقئارا تەنقىدنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، بىراق بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 3 نەپەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندا كۆرگەنلىرىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدا «زور كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت