ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەمدە داۋام قىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىدىيىۋى ساھەگە باغلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئۇزاق مەزگىل ۋە كۆلەم دائىرىسىدە داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نامىدا چاقىرىلغان يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىدە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەشكىللىشىدىكى يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىسمائىل تىلىۋالدى، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن سىياسىي نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە 2018-يىلى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنلىرىنىڭ روھى ياخشى ئىجرا بولغانلىقى، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە زور غەلىبىلەر قولغا كەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ ‹رولنى ياخشى تۇتقانلىقى› نىڭ پايدىسى ئىكەنلىكى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 

چېن چۇەنگو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 2019-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك پۈتكۈل رايون مىقياسىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئالغا سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر يىل ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي «ئۈچ ھۇجۇم ئۇرۇشى»، «تۆت ئومۇمىي ۋەزىيەت» ئىستراتېگىيىسى، «بەشنى بىرلەشتۈرۈش» ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئۇتۇقلۇق كۈتۈۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باش ئەمەلدارى بولغان چېن چۇەنگونىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا مۇشۇنداق سۆز قىلىشى 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت