بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكادىكى كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ «كەشىنى توغرىلىماقچى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«دۆلەت مەنپەئەتى» نى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز تەۋەلىكىدە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تەسىس قىلغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا خىتايچە تىل پروگراممىلىرى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» تورىنىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئىقتىساد ۋە تەشكىلات جەھەتتە بىر قوللۇق باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىتايچە تىل ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە بىلىم بېرىشتەك تۈپلۈك پىرىنسىپلىرىدىن زور دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن. ئەكسىچە ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئامېرىكادا تەشۋىقاتچىلىق قىلىشتەك غەيرىي رەسمىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. 2004-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكادا پەيدا بولغان كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى نۆۋەتتە ئاللىقاچان 100 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان. 

كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا سۆز قىلىپ، بۇنىڭ «يۇمشاق كۈچ» ئىستراتېگىيىسىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى چەتئەللەرگە كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن 2018-يىلى ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر راي بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا «بىز كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. چۈنكى ئۇلار ئامېرىكادىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىتلەرنى پەيدا قىلماقتا،» دېگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى مەخسۇس قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ «ئۆز تەۋەسىدە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى بولغان ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ خىتايچە تىل پروگراممىلىرىغا بەش بۇرجەكلىك بىنا مەبلەغ بېرىشنى توختىتىدۇ» دەپ بېكىتكەن. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ قارارى سەۋەبلىك دەسلەپكى قەدەمدە مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورېگان ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 ئۇنىۋېرسىتېتتىكى كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقالغان. 

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ قارارى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ ھال ماھىيەتتە ئامېرىكادا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ كەشىنى توغرىلىغانغا باراۋەر» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت