جېيمىس مىلۋاردنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى قايتا-تەربىيەلەش» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋاردنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى قايتا-تەربىيەلەش» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىتاب 7‏-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي تارقىلىدىكەن. ئەگەر بۇ ئەسەر 7‏-فېۋرال بازارغا سېلىنسا ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى كىتاب بولۇپ قالىدۇ. پروفېسسور مىلۋارد «نيۇ-يورك كىتابلار ئوبزورى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مەزكۇر كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئەسەردە لاگېرلارنىڭ كۆلىمى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى، ئۇنىڭ فونكسىيەسى قاتارلىق تەپسىلاتلار پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قانداق پەردەزلەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ ماھىيىتى، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، بۇ لاگېرلارغا قاماشتەك بۇ يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىياسىي، تارىخىي، خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى ئانالىز قىلىنغان.

ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدا نۇقتىلىق ئىككى ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرىنچىدىن خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلامنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى خاتا چۈشىنىۋالغان. ئىككىنچى ئۇ بۇرۇنقى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خەنزۇلارنى مەركىزى ئورۇنغا قويىدىغان، ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە يولىنى تاللىۋالغان. ئاپتور يەنە، خىتاينىڭ 1949‏-يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىسلام جەمئىيىتى» ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئىسلامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاھابى ئىسلامىغا يېقىن دىنىي ئەقىدىنى قوللىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشى بۇ دىنىي ئەقىدىنىڭ سەئۇدىدىكى ئىسلامىي ئېقىمغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتورنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەلەفىلىك ئىدىيەسىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن سەلەفىي ئىدىيەسىگە قارشى بولغان يەرلىك دىنىي ئەنئەنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت