خىتاينىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئەلچىسى: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يېڭى مودېلىنى ياراتماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىن سوڭتيەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ (شىنجاڭدا)‏ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈلگىسى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى پۇقرالار كىشىلىك ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولۇپ، غەربتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسىنى «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»، «دىنىي جازالاش» ياكى «قايتا-تەربىيەلەش» دەپ تەنقىدلىشى يامان غەرەزلىك ياكى بىرتەرەپلىمىلىك ئەيىبلەش ئىكەن. لى سوڭتيەن 17‏-يانۋار «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، «شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنىڭ يەرلىك ياشلارنى ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە سودا قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا جىسمانىي، روھىي جازا بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كۈنى ئېلان قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى «تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيەنى مەدھىيەلەشكە، ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنى تەنقىدلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغانلار ياكى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا لاگېرلارنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ پەرق يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتىن بىر كۈن ئاۋۋال پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كونسۇلى پېڭ جېڭۋۇ «پاكىستان گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قانۇن، خىتاي تىلى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئۆگىتىپ، ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن لى سوڭتيەن «خەلق گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ھېچقانداق بىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغان. ئۇ بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر رايوندا ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرتەرەپ قىلىشقا مەركەزلىشىشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى»دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت