خىتاي دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مەدھىيەلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 4-مارت كۈنىدىكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان.

لۇكاڭ مۇنداق دېگەن: «2-مارت كۈنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 46-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قارارنامە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋە مۇكەممەل ھالدا ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىدۇ».

پاكىستاننىڭ «خەۋەر» ناملىق تور گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئەبۇزەبى شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىنىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان قارارنامىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىش بىلەن بىرگە، غەرب ئەللىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى رەت قىلىنغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى «سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوللايدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە مەتبۇئات خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ سۆزىدە يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنىڭمۇ «شىنجاڭنى زىيارەت قىلغانلىقى» نى ئىپادە قىلىپ: «ئۇلار شىنجاڭغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختلىكلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش شارائىتلىرىنىڭ ۋە دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى كۆردى. ئۇلار بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنى سىياسەتلىرىمىزنى ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىشتىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىمىزنى تولۇق ئېتىراپ قىلدى» دېگەن.

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە گەرچە ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ئاۋازى» دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇم مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشى كۈچلۈك تەنقىد ئوبيېكتى بولماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ بۇ جىنايەتنى تەنقىد قىلالماسلىقى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى، تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالمانمۇ خىتاينىڭ «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت