خىتاي ransomware ئىنتېرنېت ھۇجۇمىدا ئامېرىكىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دېدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ۋە 150 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى كومپيۇتېر قوللانغۇچىلارنى زەخىمىگە ئۇچراتقان ransomware ئىنتېرنېت ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىرى تېخى ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكىنى ئەيىبلەشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ۋە خىتاي كۈندىلىك گېزىتى مەزكۇر ئىنتېرنېت ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئامېرىكا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، رانسام ئىنتېرنېت ھۇجۇمچىلىرى دۇنيادا 300 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلىغان ياكى مەخپىيلەشتۈرگەن؛ بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بەدىلىگە كومپيۇتېر ساھىبىدىن 300 دوللار تەلەپ قىلغان. رانسوم ھۇجۇمچىلىرى بۇ ئارقىلىق 70 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، زىيانغا ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەت ۋە رايونلار رۇسىيە، ئۇكرائىنا، شۇنداقلا خىتاينىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلىرى بولۇپ، خىتاي تەرەپ بىر قاتار تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، رانسوم ھۇجۇمىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالغان. خىتاي تور بىخەتەرلىك دائىرىلىرى خىتاينىڭ تېخى بۇ خىل ھۇجۇملارغا قارىتا تەييارلىقىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، رانسوم ھۇجۇمىدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇرۇن قوللانغان ۋە كېيىن رۇسىيە تور ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلانغان EternalBlue ناملىق تېخنىكىنى قوللانغان بولغاچقا، خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى ئىنتېرنېت جىنايىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئامېرىكا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ھۇجۇمدا شىمالىي كورېيەنىڭ قولى بارلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۆز شېرىكىنى تىلغا ئالغۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى يازغان.

خىتاينىڭ تور دائىرىلىرى تور دۇنياسىنى باشقۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە بىر كۈچ تەڭپۇڭلۇقى شەكىللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت