«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» ئىلھام توختى ئۈچۈن ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» 21-ئاۋغۇست كۈنى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بىر ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى باشلىغان.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان چاقىرىقنامىسىنى تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ تارقاتقان.

تىۋىتتېردىكى چاقىرىقنامىدە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، جەۋھەر ئىلھام سۆزىدە دادىسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى قەلىمى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى دادىسىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت