مەھبۇسلۇق ھاياتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇۋېتىش تەلەپلىرى ياڭرىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقى سەۋەبلىك «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاننىڭ بەشىنچى يىلىدا خەلقئارا جامائەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ئۇنى شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋاردا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى سېنتەبىردە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا بەش يىل تولغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئەركىن تىبەت، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تېخىچە قاماقتا تۇرۇۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشمە باياناتتا ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن تارتىپ سوتلىنىشقىچە بولغان جەرياندا قانۇنىي تەرتىپلەرنىڭ تولۇق ئىجرا بولمىغانلىقى، ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن جىيەنى ئۇنىڭ رەسىمىنى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئىككى پارچە ماقالىنى يان تېلېفونىدا ساقلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىغا ھەمدەملەشكەن يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭمۇ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغانلىقى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ.

بىرلەشمە باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى قاماققا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ۋە پائالىيەتچىلىرىگە «ئاگاھ بولۇش» نى ئۇقتۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا بەرپا بولغان غايەت زور ساندىكى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈزلىگەن داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بارلىقى ئېيتىلىپ، بۇ خىل قانۇنسىز تۇتقۇن قىلمىشىنى تېزدىن ئاياغلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت