كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ مەھبۇسلاردىن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىدىغانلىقى گۇمانلىق، دېدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ 2015‏-يىلى1‏-يانۋاردىن باشلاپ مەھبۇسلاردىن مەجبۇرى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىدىغانلىقى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ، چارشەنبە كۈنى بۇ يىل 1‏-يانۋاردىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىدىغانلىقى، پەقەت ئىچكى ئەزاسىنى «ئىختىيارى» بېغىشلىغان مەھبۇسلارنىڭلا ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەدلىيىسى دۆلەتنىڭ زوراۋانلىقىنى چەكلىيەلمىسە ياكى چەكلەش نىيىتى بولمىسا، ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتىن خالى بولالمايدۇ.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 1990‏-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان 65 مىڭ فالۇنگوڭچىلار مۇرىتى ۋە سانسىزلىغان ئۇيغۇر خىتايدىكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، «ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن يۇقىرىقى ۋەقەلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي مەملىكەتلىك ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەپ كېلىۋاتقان خۇاڭ جيېفۇنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت