ھېندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا ئېغىپ كېتىشى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ئىسلام دۇنياسى بۇ ھەقتە ئىزچىل زۇۋان سۈرمەي كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ جەھەتتە پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق تىپىك ئىسلام دۆلەتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى «زۆرۈر بولغان تەدبىرلەر» دېگەن ئىدى.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھېندونېزىيەنىڭ قايتا سايلانغان پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «مەن شىنجاڭ توغرىلىق بىلمەيدىكەنمەن. ئۇ جايدىكى ئىشلاردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق» دېگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بۇ جاۋابى پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا ئاخبارات ۋاسىتىسىگە بەرگەن جاۋابىنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەن. قىزىقارلىق يېرى، ئۇلار بىردەك بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما ئۆزئارا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزلىرىنى ئەپقاچقان. يەنە كېلىپ ئۆتكەندە ھىندونېزىيە ۋە پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلغان. 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەۋاتقان بىردىن-بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى بولۇپ قالماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنى مالىيە جەھەتتە جازالىشىدىن كۆپ ھالقىپ كەتمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان ئانالىزچىلار «خىتاي گەرچە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە تايىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان بىلەن ھەقىقەتنى ئۆزىگە قارىتالمايدۇ، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت