غايىبلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «تىك-توك» فىلىملىرىدا تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى «تىك-توك» فىلىملىرىدا ۋاسىتىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ قىسقا ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرىدە مۇزىكا ۋە سۈرەتلەرنىڭ بىرىكمىسى ئارقىلىق غايىب بولغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ۋىدىيولاردىكى شەخسلەرنىڭ تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا غايىب بولغان يېقىنلىرىنى ئەسلىشى بۇ كىشىلەرنىڭ زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق نامەلۇم جايلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك كەڭ تارقالغان «يالغانچى ئاكا»، «يالغانچى دادا» دېگەن شەكىللەردىكى تىك-توك فىلىملىرىغا قارىغاندا ھازىرقى فىلىملاردا كىشىلەر تېخىمۇ بىۋاسىتە ھالدا غايىبلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاۋسترالىيەدىكى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور دېيۋىد بروفىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھال ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت