گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى باش مىنىستىر مېركېلنى خوڭكوڭ ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى2 «‏-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى 6‏-سېنتەبىر باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتىدە خىتايغا خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئانگېلا مېركېل 6-سېنتەبىر ۋە 7‏-سېنتەبىر كۈنلىرىدە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» باياناتىدا گېرمانىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسى خانو شېدلېر خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىققا پېتىپ قالغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خوڭكوڭ خەلقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. خاننو شېدلېر يەنە ئۇيغۇر رايونىدا بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خەلقئارا جەمئىيەت بۇ لاگېرلار تاقالغۇچە بۇ مەسىلىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دېگەن. خانو شېدلېرنىڭ تەكىتلىشىچە، «باش مىنىستىر مېركېل ئۆزىنىڭ) خىتاي ( باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدە ئۇنىڭغا ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» ئىكەن.

ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى  نەپەر نوپوزلۇق ئەزاسىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ دىگىتال كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ يىل 8‏- ۋە 9‏-ئايلاردا خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، چوڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدىكى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مارگېرېتا باۋزى خانىم بىلەن خرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مايكېل براندقا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت