ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى كېيت ئوسامور: «ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى كېيت ئوسامور ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائابقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىنماسلىقى، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ مىسلىسىز بىر خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، 6-ئاپرېل كۈنى دومىنىك رائابقا يازغان مەكتۇپىدا، «كورونا ۋىرۇسى خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا تېخىمۇ ئەجەللىك يېڭى قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىكى شارائىتى ئەجەللىك يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ، ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەر ئۈچۈن يېڭى ئاپەتلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىن» دېگەن.

كېيت ئوسامورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ سايلىغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىغان-قارىمىغانلىقى، بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويغان-قويمىغانلىقىنى بىلىش ھەققى بار ئىكەن. ئوسامور مەكتۇپىدا «ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن سۆزلەش ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن. ئۇ مەكتۇپىدا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئاخىرقى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قاچان سۆزلەشكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى ئالاقىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سوراپ، دومىنىك رائابنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇرالغان مەزگىلدە يېزىلغان. بۇ ئەھۋال چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا شۇنداق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىش، خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئەندىشىلىرى كۈچەيتكەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت