ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇر تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەكبەر غوپۇر يېقىندا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قامىغاندىن بېرى تۇتقۇن قىلىنغان بىرقانچە ئۇيغۇر نازىرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئورمانچىلىق، مائارىپ قاتارلىق نازارەتلەرنىڭ نازىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغانىدى. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 60 ياشلىق ئەكبەر غوپۇر «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە قوشۇلمىغان، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغان ياكى ئۇنىڭغا پىكىر بىلدۈرگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «پارىخورلۇق» قىلىش، «ئىنتىزامغا خىلاپلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن تازىلاپ چىقىرىلىۋاتقانلىقى ۋە جازالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەكبەر غوپۇر 2013‏-يىلدىن 2017‏-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ، 2017‏-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىكەن. 1959‏-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان ئەكبەر غوپۇر ئۇزۇن يىل ئاقسۇدا ناھىيە ھاكىمى، شەھەر باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. 2005‏-يىلدىن 2013‏-يىلغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە يۆتكەلگەنىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت