خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت يۇيۇش، خەتنە قىلىش، نىكاھ ئوقۇش ۋە ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتەك ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر يەرلىك ھۆججىتىدە، يۇقىرىقى «4 خىل پائالىيەت» كە چوقۇم يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بېكىتكەن «دىنىي زاتلار» رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە بەلگىلىگەن قائىدىگە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر ھۆججەتنىڭ قاچان چۈشۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكىلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە دىنىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئادەتلىرىگە قەدەر چېتىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، نىكاھ ئوقۇش، خەتنە قىلىش، ئىسىم قويۇش، مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلغان. بەلگىلىمىدە، نىكاھنى يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن «دىنىي زاتلار» نىڭ ئوقۇشى، نىكاھتا دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن. ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، مېيىتنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپنە قىلىشقا پەقەت بەلگىلەنگەن «دىنىي زاتلار» مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت بەلگىلەپ بېرىلگەن ئايەتلەرنىلا ئوقۇشقا يول قويۇلىدىكەن. لېكىن، ھۆججەتتە، قايسى ئايەتلەرنى ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى، قايسى ئايەتلەرنى ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە ئايال مېيىت يۇغۇچى «بۈۋىلەر» نىڭ مېيىت يۇغاندا تەكبىر ئېيتىشى ياكى ئايەت ئوقۇشى چەكلەنگەن. ھۆججەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مېيىت يۇيۇش بىر خىل خەيرى-ئېھسانلىق ئىش بولۇپ، ئۇ دىنىي ئېتىقاد ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭدا يەنە ئۆلۈم بولغان ئائىلىلەر نەزىر-چىراغ قىلماقچى بولسا تەستىقلىتىشى تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى «4 خىل پائالىيەت» نى ئۆتكۈزىدىغان دېھقان ياكى ئاھالىلەر بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىم ئۈچۈن ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت ياكى ئىجتىمائىي رايوننىڭ خەلق ئىشلار مەخسۇس فوندىغا ئىلتىماس قىلىدىكەن.

مەزكۇر ھۆججەتنى ئامېرىكادىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسى تىموتى گروس تۋىتتىردا ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت