ئۈرۈمچىدىكى بىر خىزمەت ئەترىتى ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە چاغانلىق پانۇس ياساتقۇزغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونلۇق باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە چۇمباغ ئاھالىلەر رايونىدىكى ئىككى كومىتېت بىرلىشىپ «بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر پائالىيەتتە مەسئۇل خادىملار ئىككى رايوندىكى «قوشماق تۇغقان» قىلىنغان ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى پانۇس ياساتقۇزغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە «پانۇس ئېسىش بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن، پائالىيەتتە يەنە ئاھالىلەرگە خىتايچە «بەخت خېتى» يازدۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلار يىغىۋېلىنىۋاتقان ۋە ئۇلارنى ساقلىغانلار جازالىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە پانۇس، «بەخت خېتى» قاتارلىق خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بەلگىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ۋە خانىلىرىگە ئېلىپ كىرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدە دائىرىلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ تېڭىش ياكى زورلاڭ ئارقىلىق قوبۇل بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە شۇ خىل مەدەنىيەتكە قارىتا تېڭىلغۇچىلاردا سەسكىنىش ۋە بىزارلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت