ئامېرىكا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان «بىر يول بىر بەلباغ» يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خىتاي تەرەپ شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ يىغىنغا 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو سەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋابەن قىلغان سۆزىدە خىتاي تەرەپنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار پىلان ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ چۈشىنىكسىزلىكى، خەلقئاراۋىي ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ ئورتاق تەرەققىيات پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئاندىن «بىز بۇ يىغىنغا يۇقىرى دەرىجلىك ئەمەلدار ئەۋەتمەيمىز،» دېگەن. خىتاينى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشكە كۆپ قېتىم چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئالغان روبېرت پاللادىنو بۇ چاقىرىقنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا دەۋەت قىلىنغانلاردىن ھازىرغا قەدەر رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، فىللىپپىن پرېزدېنتى رودرىگو دۇتېرتو ۋە كامبودژا باش مىنىستىرى خۇنسېن ئۆزلىرىنىڭ قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگئېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ يىغىننى كۆزىتىش ئۈچۈنلا تۆۋەن دەرىجىلىك بىر خادىم ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

«ۋول-سترېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى نولغان پاكىستاندا ئاقساشقا دۇچ كەلگەن. پاكىستاندىكى ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن مەزكۇ قۇرۇلۇشنىڭ 62 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تۈرلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قۇرۇلۇشتىن توختىغان. بۇنىڭغا بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ پاكىستان تەرەپتىن قەررزنى قايتۇرۇش ھەققىدە كاپالەتنامە تەلەپ قىلىشى سەۋەب بولغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت