خىتاينىڭ گېنىتىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادىكى «مۇداپىئە بىر» ناملىق توردا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گېنىتىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بۇ جەھەتتە خىتاي پەن-تەتقىقات ساھەسى بىلەن ھەمكارلاشماقتىكەن. ماقالىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات دوكلاتلىرىدا ئەكس ئېتىلىۋاتقانلىقى، بۇ دوكلاتلاردا بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىيات كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىنى بېكىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى مېڭە تەتقىقاتى، بىئومىمېتىكىلىق سىستېما، بىئولوگىيەلىك ۋە بىئومىمېتىكىلىق ماتېرىئاللار ھەم ئىنسان ئىقتىدارى ۋە شۇنچە بىئوتېخنىلوگىيەسىنىڭ «يېڭى نەزەرىيەسى» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئاجراتقانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشى ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېن ئامبىرى بولغان «دۆلەتلىك گېن بانكىسى» قۇرۇپ چىققانلىقى، مەزكۇر گېن بانكىسىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەجرىبىخانىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە خىتاي «دۆلەتلىك گېن بانكىسى» نىڭ پائالىيىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى، خىتاي «دۆلەتلىك گېن بانكىسى» نىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، فېلادىلفىيە بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىقلاردا بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«مۇداپىئە بىر» تورىدىكى قوراللىق بىئوتېخنىلوگىيە: خىتاي خىتاي ئارمىيەسى يېڭى ئۇرۇش ساھەسىگە قانداق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە يەنە، خىتاي «دۆلەتلىك گېن بانكىسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەتقىقاتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى، جۈملىدىن مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېنېتىكىلىق ئۇچۇرىنى مەجبۇر يىغىش قىلمىشى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ سوئال پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت