ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقى بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا ئالاقىدار بەزى مەمۇرى فۇنكسىيەلىك رولى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى» گە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ ھوقۇقلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياكى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىڭتۇەنگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىڭتۇەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىڭتۇەننى جەنۇبقا قاراپ كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھوقۇقلارنىڭ بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 7‏-يانۋار خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، بىڭتۇەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى 2018‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ يول قاتنىشى، ئامانلىق ۋە ئوت ئۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش قاتارلىق 140 خىل مەمۇرىي فۇنكسىيەسى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قاتناش ساقچىسى ۋە ئالاھىدە ساقچى تەشكىللەش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە ئامانلىق باشقۇرۇش، زەھەر چەكلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق 80 خىل تۈرنى تاپشۇرۇۋېلىش رەسمىيىتى تاماملانغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 140 خىل مەمۇرىي فۇنكسىيەسى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىڭتۇەنگە بېرىلىشى ئۇنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىدىكەن. بىڭتۇەننىڭ بۇرۇنقى رەسمىي شتاتى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قانۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر دەرىجىلىك مەمۇرىي شتات بەرگەن. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بىڭتۇەننى جەنۇبقا قاراپ كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بىڭتۇەن ج خ ئورگانلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قىسىم ھوقۇقلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن كادىرلىرىنى جەنۇبقا يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، جەنۇبتىكى يەرلىكنىڭ «ئالدىنقى سەپ» ئىشلىرىغا ئاكتىپ قول تىقىشقا باشلىغان.

«ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» 1954 ‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1974‏-يىلى يەرلىكنىڭ ئىشلىرىغا «توسقۇن بولدى» دېگەن سەۋەب بىلەن تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1980‏-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق 10 دېۋىزىيە ۋە شەھەر، 25 بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت