خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ھەققىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» نىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار شەخسلەرنىڭ قاتتىق مەسخىرىسىگە قالغانىدى. بولۇپمۇ «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئاق تاشلىق كىتابمۇ ياكى ئاق تاشلىق يالغانچىلىقمۇ؟» تېمىسىدىكى مەخسۇس ئوبزوردا بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىق ئۇرۇنۇشلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا لاگېرلارنىڭ قانداق راھەتلىك ماكان ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن بايانلارنى بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ كورېيە، سىنگاپور، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىرقىسىم دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «مەكتەپلەر» ئارقىلىق قانداق «شانلىق نەتىجىلەر» نى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلدۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئابرار نېسىم ۋاخلانىڭ لاگېرلار زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى بايان قىلىنىدۇ. ۋاخلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى غەرب ئاخباراتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادتا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى ئوقۇغان. ئۇ بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لاگېرلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن: «مەن ئۇيغۇر ئىماملار ۋە تالىپلار بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلار ھېچقانداق دىنىي چەكلىمە يوقلۇقىنى بىلدۈردى. كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدىكىلەردىن ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز ئاغرىنمىدى، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدىكى تۇرمۇشىدىن تولىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ توغرىسىدا پىكىر قىلىپ: «بۇنداق زىيارەت فىلىملىرىدا ئاشۇ شەكىلدە سوئال سوراشلارنىڭ ئارقىغا قانداق تەھدىت ئامىللىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ. لاگېرلار ھەممىلا يەردە كېڭىيىۋاتقاندا ئۇ سورىغان كىشىلەر نېمىمۇ دېيەلەيتتى؟» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت