خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «ئاق تاشلىق كىتابى» خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشى باستۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشى باستۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2009-يىلى 5-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 22‏-ئىيۇل كۈنى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر يەرلىك دىنىي ئېتىقادى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ تارىختا ئۇيغۇرلارغا قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى سىملىق خەۋەرلەر تورى، يەنى س ن ن تېلېۋىزىيەسى دۈشەنبە كۈنى ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ تارىخنى كوچىلاپ، ئۆزىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قاماش ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. س ن ن نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى «ئاق تاشلىق كىتاب» تا شىنجاڭنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاش، ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى «كەسپىي ماھارەت مەركىزى» دېگەن نامدىكى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركەزلىرى» گە قاماش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئاق تاشلىق كىتابتا كومپارتىيەنىڭ تارىخنى باھالىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئاق تاشلىق كىتاب «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ABC نىڭ خەۋىرىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى ئېلئەيىن پېرسوننىڭ سۆز نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئېلەيىن پېرسوننىڭ «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆزىتىپ تۇرغان تاشقى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر كىشى ئاق تاشلىق كىتابقا ئالدانمايدۇ» دېگەن. ABC نىڭ خەۋىرىدە ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسى جېيمىس لېيبولدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ «ئاق تاشلىق كىتاب» تىكى «شىنجاڭ تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى»، بۇ رايون «ھېچقاچان شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىپ باقمىغان» دېگەن بايانلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇنداق دېيىش سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، توغرا ئەمەس» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 22‏-ئىيۇل ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب» تا «ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەرلىك دىنى ئەمەس» لىكىنى، «ئىسلامنىڭ شىنجاڭغا ئەرەب ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن قورال كۈچى بىلەن تارقىتىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركى خەلق ئەمەسلىكى، تارىختا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت