ماگنۇس فىسكەسيۆ: «كورنېل خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرلىرىنى توختىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولۇگ ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى 27-ئاۋغۇست كۈنى «كورنېل كۈندىلىك قۇياشى» گېزىتىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن چېتىشلىقى بولغان تۈرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زوراۋانلىقلىرىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان تۈرلەر بولسا دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

«كورنېل خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرلىرىنى توختىتىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزە ماقالىسىدە ماگنۇس فىسكەسيۆ خىتاينىڭ داڭلىق تېخنىكا شىركىتى بولغان «تېڭشۈن» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىققان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى سىستېمىسى بىلەن زور چېتىشلىقى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇشۇنداق بىر شىركەت خوجايىنىنىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن شۇ مەكتەپتىكى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ تاللانغانلىقى، ھەتتا كورنېلدىكى تېخنىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغاچ، «مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا يانتاياق بولغان مۇشۇنداق شىركەتلەر بىلەن قانداقمۇ ھەمكارلىق پروگراممىسى ئورناتقىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويغان. 

ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتايغا چېتىلىدىغان تۈرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، 21-ئەسىردىكى بۇ تراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ماساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي بىلەن نازارەت سىستېمىسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىشى، يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېن تەتقىقاتى پروفېسسورىنىڭ خىتاينى ئوخشىمايدىغان ئېرىقلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىشى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە يەنىلا كۆپلىگەن يوچۇقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالە ۋە دوكلاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پەيتتە، ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ مەزكۇر ماقالىسى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت