سارا كاتېر: «دۇنيا بانكىسى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا 50 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.

27-ئاۋغۇست ئامېرىكادىكى داڭلىق مۇخبىر سارا كارتېرنىڭ شەخسىي تور بېتىگە ئېلان قىلىنغان «دۇنيا بانكىسى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا مەبلەغ سالىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىنىڭ باشلانمىسىدا ئاپتور دۇنيا بانكىسى مەبلەغ سالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيىلەش پروگراممىسى» دىكى تەپسىلىي مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پروگرامما ئىككى چوڭ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان ئىكەن. 1-بۆلىكىدە بەش كىچىك مەزمۇن بار بولۇپ، ئۇلار: مەكتەپ ۋە زاۋۇتنىڭ باغلىنىشىنى كۈچەيتىش؛ دەرسلىك، ئوقۇتۇش مىتودى ۋە باھالاشنى يېڭىلاش؛ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش؛ باشقا مەكتەپ ۋە يەرلىك جامائەتلەرگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىش؛ مۇئەسسەسە ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

مەزكۇر پروگراممىنىڭ 2-بۆلىكىدە ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسەتنىڭ تەرەققىياتى، مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قانچە مەزمۇندىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. 

ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامىلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىيۇلدا «ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت ئەمەس» دېگەن سەپسەتىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە مۇشۇ نۇقتا ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، «دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش داڭلىق پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ خىتايغا ئوخشاش بىر دۆلەتكە زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويغان. 

27-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا بانكىسى ئۆزلىرى ئۈستىدە ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى خەۋەر ھەققىدە رادىيومىز مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تېخنىكا پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكىنى ئاقلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت