سىگال سامۇئېل ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز سوئالغا جاۋاب بەردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «ۋوكس» ژۇرنىلىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى سىگال سامۇئېل ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ئوبېكتى بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى. 26-ئاپرېل كۈنى ئۇ مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا سەككىز چوڭ سوئالغا جاۋاب بەردى.

سىگال خانىم بۇنىڭدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مىقداردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقى بولغان ھەمدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي قولىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنلا نۆۋەتتىكى مىليونلىغان كىشىنى لاگېرغا سولاش قىلمىشىنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇنداقلا لاگېرلاردا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، بۇ جايلاردىكى قەبىھلىكلەر ھەققىدە تاشقى دۇنيانىڭ كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇ «مەكتەپ» لەرنىڭ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سۆھبەتتە ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇشقا دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش دىنىي ئېتىقادقا ئىگە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياقا يىرتىپ ئوتتۇرىغا چىقالمىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ئەللەردىن باشقا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە زۇۋان سۈرمەس قىلىۋەتكەنلىكى ئاڭلىغۇچىلارنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇردى. بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بايان قىلغاندا سىگال خانىم غەرب دۇنياسىدا خېلى ئوبدانلا بازار تېپىپ قالغان «ئىسلام ۋەھىمىسى» سەۋەبىدىن خىتاي كومپارتىيىسى ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك»، «زەھەرلىك ئۆسمە» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتىغاندىمۇ غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت