ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلىشتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋېتېردا ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېلىرىغا قامىشىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى  «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يولىدىكى زۆرۈر چارە»، دەپ ئاقلىشى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ رادىكاللىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، لاگېر سىرتىدىكى پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىشىنى ئىزچىل كۆزىتىپ  قىلىپ كەلدى. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى  «يىرگىنچلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينى تەنقىد قىلىپ قويۇش بىلەن بولدى قىلماي، ئۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 24‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشى ۋە كەڭ كۆلەملىك قامىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى زۆرۈرىيەت، دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زورلاش خاراكتېرلىك تەقىپلىشى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىشى ۋە تەن جازاسى بېرىشى رادىكاللىقنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېيىلگەن.

ئۇنىڭ 23‏-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشى ۋە كەڭ كۆلەملىك قامىشى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنىڭ 3‏-، 10‏-، 18‏-ماددىلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ۋە تارتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلىشتۇر» دېيىلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى باياناتى، خىتاينىڭ 25‏-ئاپرېل بېيجىڭدا باشلانغان  « بىر بەلۋاغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى يىغىنغا غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسەن ھېچبىرى قاتناشمىغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت