«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «خىتايدىكى شەپقەتسىز ‹ياتاقلىق مەكتەپ› لەر»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننى «ئۈستى ئوچۇق» تۈرمەگە ئايلاندۇرغانلىقى خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنماقتا. يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە «خىتايدىكى شەپقەتسىز ‹ياتاقلىق مەكتەپ› لەر» ناملىق بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 17-مارتتىكى مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتىكەن. ماقالىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي دەسلەپتە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئۇنى ئاتالمىش «مائارىپ ۋە تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا باشلىغان شۇنداقلا رايوندا ئىنتايىن رەھىمسىز تۈزۈمدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ» لەرنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھەققىدە سۆز قىلىپ، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئۆز ئالدىغا بىر تور ھاسىل قىلىۋالدى،» دېگەن.

نۆۋەتتە رايوندىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان بىر مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جاينى «ئىنتايىن بەختلىك ياتاقلىق مەكتەپ» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر بۇ جايلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى «گۇلاگ» تەقىب سىستېمىسىدىن پەرقلەنمەيدىغان بالىلار لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت