ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي تۈردە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىغا بەل باغلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ قىقاس-سۈرەنلىرى توختىمايۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» قا رەسمىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان بۇ قېتىملىق رەھىمسىز سودا ئۇرۇشىدا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ھازىر دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشىماقتا ئىكەن.

2‏- ۋە 3-‏ئاۋغۇست كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدە «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى» نى يېڭىۋاشتىن يېزىپ چىقىش بىلەن ئالدىراش بولغان. بۇ كېلىشىمنى قايتا يېزىپ چىقىش ئىشىغا كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن بۇ كېلىشىمنىڭ سۈرۈكى توشۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۆتكەن ھەپتە بولسا ئاق ساراي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلارغا مۇناسىۋەتلىك سودىدا كۆرۈلگەن ماجىرانى توختىتىشنى قارار قىلغان. بۇ مەملىكەتلەر بىلەن بولغان سودىنىڭ راۋانلىشىپ كېتىشى ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن يېڭى بازار ئېچىلغانلىققا باراۋەر بولىدىكەن.


ئاق ساراي خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارغا 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى قويۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى زور تەسىرگە ئۇچرىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان چەتئەل بازارلىرىدا «خەلق پۇلى» نىڭ كۇرسى ئون پىرسەنت چۈشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئۆچ ئالماقچى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئامېرىكا ماللىرىغا 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھالبۇكى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلىۋاتقان ئېكسپورتى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن قىلىۋاتقان ئىمپورتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. ئاق ساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى سارا ساندېرس بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۆچ ئالىمەن دېگۈچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەڭسىز سودا مۇناسىۋىتىنى ئوڭلاشقا زېھىن قويسا ئۆزىگە ياخشى بولار ئىدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت