پرېزىدېنت ترامپ: «خىتاي بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ دەپ ئالدىنئالا ئېيتالمايمەن»

2019-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن ئاخىرقى سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ دەپ ئالدىنئالا ئېيتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان. ئۇ تېخى تۆنۈگۈنلا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئاخىرقى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ كەلگۈسى 4 ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئىككى تەرەپ سودا سۆھبەت ئۆمىكى ۋاشىنگتوندا سودا كېلىشىمىنىڭ ئاخىرقى ماددىلىرىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەزگىلدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىپ، يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان.

ھالبۇكى، پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ باش سودا سۆھبەت ۋەكىلى، مۇئاۋىن خىتاي باش مىنىستىرى ليۇ خېنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرلارغا تەكىتلەپ، «بىز كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئاز قالدۇق. بۇ دېگەنلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىندى دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا خېلى يېقىنلاشتۇق» دېگەن. ئۇ تۆنۈگۈنكى سۆزىدە بەزى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، ئەگەر ئىككى دۆلەت كېلىشىم ھاسىل قىلسا ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئەمما قاچان كۆرۈشۈشنى ھازىر بېكىتىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن «بىز بەزى يوللارنى بېسىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەت ھارپىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 24 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىلەن 19 نەپەر ئاۋام ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، مالىيە مىنىستىرى ستېۋ منۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت