پرېزىدېنت ترامپ: «خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىش ۋە بايلىقىنى ئوغرىلىشىغا خاتىمە بېرىلىشى شەرت»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەلقىگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىش ۋە بايلىقىنى ئوغرىلىشىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن. ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا كېلىشىمى ئۇنىڭ «قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، سودىدىكى ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەسلىككە قاتتىق تىرەجەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ قېتىمقى نۇتۇق پرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا خەلقىگە سۆزلىگەن2‏-قېتىملىق نۇتقىدۇر. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىدا قىلدى. ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا1‏-مارت كۈنى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى قايتا باشلىنىدۇ.

پرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خىتايغا شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلدۈرۈۋاتىمىز، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئامېرىكا سانائىتىنى نىشانغا ئېلىش، بىزنىڭ ئەقلىي مۈلكىمىزنى، ئامېرىكىنىڭ ئىش ۋە بايلىقىنى ئوغرىلاشقا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلدى» دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ: «بىز ھازىر خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمىنى سۆزلىشىۋاتىمىز. لېكىن بۇ چوقۇم ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىپ، سودىدىكى ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىشنى، بىزنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشنى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىش پۇرسىتىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك» دېدى. پرېزىدېنت ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ باشلىرىدا كۆرۈشۈپ، سودا ئۇرۇشىنى 90 كۈن توختىتىشنى قارار قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ ئەگەر خىتاي بۇ 90 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمىسا، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باجنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ 250 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا باج قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت