خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەرلىك رەقىب ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىزچىل «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئەمگەك بازىرى» دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپى غايەت زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقان رەقىب ئىكەنلىكى يېقىندىن بۇيان قايتا-قايتا تەكىتلىنىشكە باشلىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 14-دېكابىر سانىدا دېرېك سىسسور ۋە دەنىيېل بلومېنتاي ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالە ئەنە شۇ خىل قاراشلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتورلار ئامېرىكا «كارخانىچىلىق ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىلىلا خىتاينىڭ «رېۋىزىيونىزىمچى كۈچ» ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ كۈچنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تەرتىپتە قايتىدىن قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى، ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان كانادادىن رەھىمسىزلىك بىلەن «قىساس ئېلىشى» قاتارلىقلارمۇ خىتاينىڭ ئاشۇ خاراكتېرىنى ئاشكارىلاۋاتقان بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتا بىر قارارغا كېلەلمىگەن.

ئاپتورلار بىردەك تەكىتلىگەن بىر مۇھىم نۇقتا ئامېرىكا بۇ خىل ھالەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان بىر قىسىم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى قىسقارتىشى ياكى تەڭشىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جان تومۇرىغا زەربە بەرگىلى، شۇنىڭدەك خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە، بولۇپمۇ زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمىغا ئارىلىشىپ قالغان شىركەتلەرنىڭ تىزگىنىنى تارتقىلى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېكسپورتى ئامېرىكىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ، خىتايدىن قىلىۋاتقان ئىمپورت مىقدارى ئازىيىپ كەتسە بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدىغان كۆپلىگەن مەملىكەتلەر بۇ خىل سودا شېرىكلىكىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ سودا شېرىكلىرى ھېچقاچان ئامېرىكا ئۈچۈن خەتەر شەكىللەندۈرمەيدۇ. شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە تاموژنا بېجىنى تەتبىقلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەڭشەش ۋە قىسقارتىش زۆرۈر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت