نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك جىددىي تۈس ئېلىشى بىلەن بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقى مەلۇم. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا 7-يانۋار كۈنى روبېرت كاپلان ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئانالىز ماقالىسىدە مانا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ رېمونت خاتىرىلىرىنى ئوغرىلىشى، بەش بۇرجەكلىك بىنادىن خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىشى دېگەندەك كۆپ قېتىملاپ ھەمدە ئاخىرى چىقماستىن داۋام قىلىۋاتقان پائالىيەتلەر نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون يىل داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ، شۇنىڭدەك يېڭىدىن باشلىنىدىغان بۇ «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئۇزۇن مەزگىل بولىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.

يەنە بىر ياقتىن بولسا ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنى غەربىي تىنچ ئوكيان (يەنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى) دىن نېرى تۇرۇشقا قىستاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي يېرىم شاردىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈنمۇ خىتاي تەھدىتى ھەرقاچان رۇسىيە تەھدىتىدىن زور، دەپ قارالماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن كرېمنېي جىلغىسىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىدا ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى بولۇۋاتقان ئامىللارمۇ دەل ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، سودا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق نازۇك تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇۋېلىش، پۇل مونوپوللۇقى قاتارلىقلار بولۇپ، سودا سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان ھالەتتىمۇ بۇ مەسىلىلەر يەنىلا داۋام قىلىۋېرىدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ سودا قىلىش ئۇسلۇبىنىڭ تۈپلۈك ماھىيىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىكەن. بۇ خىل ئىقتىسادىي ئامىلنى مەنبە قىلغان سۈركىلىش تەبىئىي يوسۇندا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بۇرۇقتۇرمىلىققا سەۋەب بولىدىكەن.

ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا يېڭىدىن باشلىنىۋاتقان بۇ «سوغۇق ئۇرۇش» تىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى «يۇمشاق» ھاكىممۇتلەقلىقىگە بىر كۆزىنى قىسىۋالغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن بۇيانقى «قاتتىق» شەكىل ئالغان ھاكىممۇتلەقلىق ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ سەۋر قاچىسىنى تولدۇرغان. بولۇپمۇ نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك قەبىھلىكنى ئاشكارا ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ تۈزۈم بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق مانا مەن، دەپلا ئاشكارا بولغان.

ئاخىرىدا ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «يۇقىرى پەن-تېخنىكا مۇشۇ توقۇنۇشنى ئالغا سۈرىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشتىن مەنپەئەت ئالغان بۇ دۆلەت ھەربىي ئىشلار رايونىغا كۆز تىكمەي قالمايدۇ. گەرچە ئۇلار ‹يېرىم چېلەك› بولسىمۇ، چېلەكنىڭ يېرىمى ئاللىقاچان سۇ بىلەن تولدۇرۇلغان» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت