دونالد ترامپ: «خىتايغا يېڭىدىن تاموژنا بېجى قويۇشىمىز مۇمكىن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «20 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنىدىكى ئۇچرىشىشىغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا ئاق ساراي 2019-يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق تاۋارلارغا يېڭىدىن تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتتە ئۆزلىرى كۈتكەن نەتىجە بارلىققا كەلمىسە «خىتايغا قارىتا يېڭىدىن 267 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا قارىتا 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك تاموژنا بېجى قويغان. ئەگەر بۇ ھال ئىشقا ئاشسا ئۇ ھالدا ھازىرغىچە تاموژنا بېجىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماي كېلىۋاتقان باشقا تاۋارلارغا بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى بولىدىكەن. جۈملىدىن خىتايدا ئىشلىنىۋاتقان «ئالما» مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئىمپورت بېجى قويۇلىدىكەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ئىجرا بولۇشقا باشلىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا قىلمىشلىرىغا، جۈملىدىن زاۋۇت ئىگىلىرىنى مەھسۇلات تېخنىكىلىرىنى قوشۇپ سېتىپ بېرىشكە زورلاش ۋە تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشلىرىغا جازا بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت