پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ 75 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا باج قويغانلىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پرېزىدېنت ترامپ 23‏-ئاۋغۇست كۈنى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 75 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا باج قويغانلىقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن يىللار مابەينىدە خىتايغا نۇرغۇن پۇلىنى تارتقۇزۇپ قويغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 23‏-ئاۋغۇست كۈنى ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5078 خىل ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ قارارىنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ 15‏-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇش قارارىغا قارشى ئېلىنغان ئۆچ ئېلىش تەدبىرى، دەپ قارىماقتا. لېكىن، پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، ئامېرىكانىڭ ئەھۋالى خىتايسىز تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز نۇرغۇن يىللار مابەينىدە خىتايغا ترىليونلىغان دوللارنى ئەخمەقلەرچە تارتقۇزۇپ قويدى. ئۇلار ھەر يىلى بىزنىڭ مىلياردلىغان دوللار ئەقلىي مۈلكىمىزنى ئوغرىلىدى ۋە ئوغرىلاشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ خىتايغا ئېھتىياجىمىز يوق، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز خىتايسىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ يەنە بۇنىڭ «ئامېرىكا ئۈچۈن زور پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ فېدېراتسىيە تېز يوللانمىسى، ئامازون، UPS ۋە پوچتىخانا قاتارلىق پوچتا-ئالاقە ئورۇنلىرىغا خىتايدىن ياكى باشقا ھەر قانداق جايدىن فېنتانىل سېلىشنى چەكلەش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكى، فېنتانىلنىڭ ھەر يىلى 100 مىڭ ئامېرىكالىقنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭ فېنتانىلنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن چەكلىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت