ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر يادرو ئېنېرگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى تازا ئۆتكۈرلەشكەن مەزگىلدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر يادرو ئېنېرگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «جۇڭگو ئاممىباب يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى» ۋە ئۇنىڭ 3 تارماق شىركىتى ئامېرىكانىڭ ھەربىر ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە، بۇ قارار ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركىتىنى لاۋازىمات بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە چەكلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5‏-ئايدا خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى. 

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشى تەدرىجىي بىخەتەرلىك ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىگە كېڭەيمەكتىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى» نى قارا تىزىملىككە ئېلىشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 2018‏-يىلى 10‏-ئايدا خىتايغا يادرو تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ، خىتاينىڭ «ئامېرىكا ئاممىۋى يادرو تېخنىكىسىنى ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ھەربىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى قارار قىلغانىدى. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى ئەنگلىيەنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن. ئامېرىكانىڭ بىر ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاي يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارماسلىقىنى، ئۆزلىرىدە ئاممىۋى يادرو تېخنىكىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت