ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: «خىتاينىڭ ئۆكتەملىك قىلمىشىغا يول قويمايمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئەسپېر 4‏-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايوندا مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقان ئۆكتەملىك قىلمىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مارك ئەسپېر بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلا ر مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. مارك ئەسپېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىق تەرتىپ شەكىللەندۈرۈشىگە قاراپ تۇرمايدىكەن. مارك ئەسپېر بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە قىلدى.

پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 10% باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مارك ئەسپېر ئاخبارات يىغىنىدا: «بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىز، ھېچقانداق بىر دۆلەت ھىندى-تىنچ ئوكياننى ئۆز بېشىغا كونترول قىلىۋالماسلىقى كېرەك. نۆۋەتتە بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەقەمسايىلىرىمىز بىلەن بىرگە رايوننىڭ جىددىي بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتىمىز» دېگەن. 

ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئۆكتەملىك ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»، بۇ، «ئۇنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ خاراكتېرلىك ئىقتىساد ۋە قەرز پۇلىنى قورال ئورنىدا ئىشلىتىشتەك ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاشتەك قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللارنى ھەربىيلەشتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ: «بىز ھەر ئىككى دۆلەت ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ دوستلىرىمىزنى قەرز ۋە خىيانەتچىلىك پاتقىقىغا تىقىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز» دېگەن. بىراق، پومپېيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىرىنى تاللاشقا قىستىمايدىكەن. ئۇ: «چۈنكى، بۇ بىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىمىز ئەمەس» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت