دونالد ترامپ: «سودا ئۇرۇشىدا بىز قانداقلا قىلساق خىتاينى يېڭىۋالىمىز»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئىزچىل كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«رويتېرس» ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شۇ كۈنى مىنىسسوتا شتاتىنىڭ بۇرنسۋىل شەھىرىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە بولغان. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا كېلىشىش ياكى كېلىشەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاشلا يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئىككى چوڭ سودا دۆلىتى ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى توققۇز ئايدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تولۇق بىر يەرگە كېلەلمىگەن. 

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن 15-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ «فوكس سودا تورى» غا قىلغان سۆزىدە، سودىدا كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل تىرىشچانلىقلار داۋاملىق داۋاملىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت