«خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قايتا سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە كاترىن كورتەز قاتارلىقلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش» قانۇن لايىھىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قايتا سۇنغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىدىن بولغان ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قوللىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيادا سىياسىي كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتىن قارىغاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلەردە ئاخباراتنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا ۋەتەنداشلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلاردىن بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

ماركو رۇبىيو ۋە كاترىن كورتېز قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى باياناتتىكى سۆزىدە ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنىڭ خىتايغا ئوخشاش ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت