ئەلجەزىرە: «ئۇيغۇر كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئورۇن تۇتقان تۈرمىدىكى خەلق ناخشىچىسى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، پائالىيەتچى تۇردى غوجا 16‏-مارت كۈنى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ مەسىلىسى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يىللاردىن بېرى ب د ت نىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى دوكلات ۋە گۇۋاھلىقلىرى، ھەتتا ب د ت نىڭ يېقىنقى دوكلاتىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. بۇلارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر قەدەممۇ ئارقىغا چېكىنىپ قويمىغان ياكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ ھاياتىنى خاراب قىلىپمۇ ھېچقانداق ۋىجدان ئازابى تارتىپ باقمىغان.

بىراق، تۇردى غوجا «ئۇيغۇر كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغان تۈرمىدىكى خەلق ناخشىچىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلىنغان ۋىدىيوسى يۇقىرىقى ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ئايدا تۈركىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار تارقالغان. ئارقىدىنلا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ باياناتىدىن ئىككى كۈن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ تۈرمىدىكى ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىيوسى زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارادا «مەنمۇ ئۇيغۇر» ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

تۇردى غوجا ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋىدىيونىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر دەلىللەرنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىش ھەرىكىتىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇردى غوجىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ياڭراق ئاۋازى، ھەيران قاتارلىق دۇتار چېلىش ماھارىتى پەۋقۇلئاددە ئېسىل، ناخشا تېكىستلىرى تەسىرلىك بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ باب دىلانى دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، ئۇ تۈرمىدە بولسىمۇ، لېكىن ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ ئاستىدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇ بىر ئۈلگە. ئۇ پەقەتلا بىر خەلق ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇۋاتقان بىر سىمۋولدۇر».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت