خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بەرگەن باھاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيانقى سىياسىي تراگېدىيەلىرى (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﻭﯕﻨﯩﯔ 1949‏ - ﻳﯩﻠﻰ 10‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ 'ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ' ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﻭﯕﻨﯩﯔ 1949‏ - ﻳﯩﻠﻰ 10‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ 'ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ' ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كۆپلىگەن ماقالە ۋە باھالار ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىلەردە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بەرگەن باھاسى قايتا مۇھاكىمىگە قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى باۋ شىن «سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن شىنجاڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئۇلەنفۇنى سېلىشتۇرۇپ، 1980-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سەيپىدىن ئەزىزى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋە تەتقىقاتلارنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە 2015-يىلىدىن تاكى 2020-يىلىغا قەدەر داۋاملىشىدىغان «سەيپىدىن ئەزىزى ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيە تەتقىقاتى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

باۋ شىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن سىياسىي كېڭەشكە سۇنغان مەزكۇر تەكلىپىدە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەيپىدىن ھەققىدە چىقارغان باھاسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشى تاسادىپىي ئەمەس. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇش تەقەززاسى شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، دەيدۇ.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن چىقارغان 5 مىڭ خەتلىك «باھا» سىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن:

ئۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3 ئەۋلاد ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ماۋ زېدۇڭ بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «1949-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى يولداش سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا ئۆز قولى بىلەن تەستىق سالدى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى يولداش سەيپىدىن ئەزىزى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولدى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئەڭ بالدۇر جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان كىشى بولۇپ قالدى.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1949-يىلى 9-ئايدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بىر ئۆمەكنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىشى ۋە ئەڭ ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنۇشى ئۆزىنىڭ ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەتكە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، دەيدۇ.

ئەركىن ئەكرەممۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1949-يىلى بېيجىڭغا قىلغان تۇنجى سەپىرىدىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇشى ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقىدىن ئۆتۈشى دەپ قارايدۇ.

«باھا» نىڭ ئىككىنچى نۇقتىسىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتاينىڭ 1950-يىللاردىكى دىپلوماتىيەسىدە ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى، ئۇنىڭ 1950-يىلى ۋە 1957-يىلى ئىككى قېتىم ماۋ زېدۇڭ بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغانلىقى شۇنداقلا «جۇڭگو سوۋېت دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىغا قول قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

«باھا» نىڭ ئۈچىنچى نۇقتىسىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جياڭ زېمىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بەرگەن تۆۋەندىكى باھاسى قوشۇمچە قىلىنىدۇ: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بايرىقى روشەن، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولۇپ، بىر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.»

ئەخمەتجان ئوسمان سەيپىدىن ئەزىزىگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارازىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن، مىللىي ۋىجدان نۇقتىسىدىن شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى نۇقتىسىدىن باھا بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1949-يىلى بىر ئۆمەكنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىشى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مېۋىسىنى «شىنجاڭ - جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سەپسەتەگە تېگىشىپ، مىللىي تەسلىمچىلىك قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشكە يىتەرلىك پاكىتتۇر، دەپ ھېسابلايدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت