قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئىستېپا بېرىشى مۇتەخەسسىسلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف ئۆزىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 19-مارت، قازاقىستان.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف ئۆزىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 19-مارت، قازاقىستان.
AP

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف 19-مارت كۈنى كەچقۇرۇن قازاقىستان خەلقىگە قىلغان مۇراجىئىتىدە ئۆزىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈندىن، يەنى 20-مارتتىن باشلاپ قازاقىستان پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى قاسىمجومارت توقايېف كىرىشتى. ئۇ بۈگۈن ئاستانا شەھىرىدىكى ئاقوردىدا قەسەم قىلدى.

تېڭرىنيۇس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قاسىمجومارت توقايېف قازاقىستان پرېزىدېنتى بولدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان قاسىمجومارت توقايېف قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنى «نۇرسۇلتان» دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە نەزەربايېفنىڭ مەملىكەتنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «نۇر-ئوتان» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى ئەزاسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تورلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

«كوممېرسانت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر سولوۋيوف، ئالېكاندىر كونستانتىنوف ۋە كىرىل كرىۋوشېيېفلارنىڭ «بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئالدى. نەزەربايېف قازاقىستاننىڭ ئۆمۈرلۈك رەھبىرىلىك ئورنىنى ئىگىلىدى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىنى، يەنى مەملىكەتنىڭ ئۆمۈرلۈك رەھبىرىلىك ئورنىنى ئىگىلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدا مۇنداق ئۇرۇنغان نەزەربايېفتىن باشقا نامزاتنىڭ يوق ئىكەنلىكى ھەم مۇنداق ئەھۋالنىڭ سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىن پەقەت قازاقىستاندىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ۋزگلياد» تور بېتىدە بېرىلگەن «نەزەربايېف پرېزىدېنتتىن چوڭ ھوقۇقتا بولىدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پيوتور ئاكوپوف ئىجتىمائىي تورلاردا نەزەربايېف تەختتىن كەتكەندىن كېيىن دۆلەتتە مۇقىمسىزلىق باشلىنىدۇ دېگەن ھەر خىل پىكىر-تەخمىنلەرنى يوققا چىقىرىپ، ئۇنىڭ دانىشمەن سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەتتىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«رېگنۇم» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن سىياسەتشۇناس مارات شىبۇتوفنىڭ «قازاقىستاندا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش باشلاندى» ناملىق ماقالىسىدە نەزەربايېفنىڭ ئۆز مەيلى بىلەن ھوقۇقتىن ئايرىلىشىنىڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ شان-شۆھرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، خۇددى سابىق خىتاي رەھبىرى دېن شياۋپىڭغا ئوخشاش «خىتايچە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش يولى» نى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

نۇرسۇلتان نەزەربايېف نېمىشقا ھەم نېمە ئۈچۈن ھازىر ئىستېپا بەردى؟ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟ بۇنى قازاقىستانلىقلار قانداق قارشى ئالدى؟ نەزەربايېفنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتاي ۋە باشقا مەملىكەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ئۆزگىرىشى مۇمكىنمۇ؟ مەملىكەتنىڭ ئىچىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟

مەركىزىي ئاسىيا بويىچە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئەزىمباي غالىنىڭ پىكرىچە، نۇرسۇلتان نەزەربايېف پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەھبىرى دېگەن ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «نەزەربايېف ئۇزاق ۋاقىت ھاكىمىيەتتە ئولتۇرغان دىكتاتور دېگەن ئېنىقلىمىدىن قۇتۇلۇپ، يەنە غەرب مەملىكەتلىرى باشچىلىرىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلغۇسى كەلدى. ئۇ بەرىبىر قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىپ، دۆلەتنىڭ بارلىق مۇھىم ھەرىكەتلىرىنى ئۆزى يولغا سېلىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. ئاساسلىق ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت ئۇنى ئەيىبلەش ئازىيىشى مۇمكىن. مەن ھەيران قالغان بىر نەرسە، كۆپچىلىك ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقتىن ئايرىلىشىنى تەبرىكلىمىدى. بۇ يەردە بەرىبىر ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر ھېسداشلىق باردەك. پەقەت بىر ئاز قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئايرىلىشىنى قوللىدى. قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن، چۈنكى قاسىمجومارت توقايېف تاشقى سىياسەتنىڭ چوڭ بىر مۇتەخەسسىسى. ئۇ ھەم ئىنگلىز، ھەم خىتاي تىلىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېڭىيىشىمۇ مۇمكىن».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ئېركىن بايداروف مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەتنى 30 يىل دېگۈدەك باشقۇرۇش يېنىك يۈك ئەمەس. بۇ يەردە شۇنداقلا ئەلبېشىنىڭ يېشىنىمۇ ھېسابقا ئېلىش كېرەك. پرېزىدېنت نېمە ئۈچۈن دەل ھازىر ئىستېپا بەردى؟ ئۇ ئۆز نۇتقىدا ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيادا يېڭى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئەۋلادلارنىڭ، يېڭى رەھبەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش ھاجەتلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، نەزەربايېف سەھنىدىن پۈتۈنلەي كەتمىدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۆلەتتە ۋە دۆلەت سىرتىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ قالىدۇ. ئۇ كېلەچەكتىمۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەركىزىدە بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ قولىدا يەنە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «نۇر-ئوتان» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم ھوقۇقلار ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى پۈتكۈل قازاقىستانلىقلار چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلدى، دەپ ھېسابلايمەن. چۈنكى، چىرايلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەر قانداق بىر سىياسەتچىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ.»

ئېركىن بايداروف يەنە نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ ھازىرقى زامان قازاقىستان تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچقانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقئارادىمۇ ھۆرمىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئۆيلىمەيمەن. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ۋە خىتاي پەقەت قوشنا مەملىكەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› لايىھەسى بويىچە شېرىكلەردۇر. ئاستانا قازاقىستاننىڭ ئىلگىرىكى سىياسىتىدىن چەتنىمەيدۇ ھەم بارلىق مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەلنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن».

قوشنا مەملىكەت قىرغىزىستان مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟

بىشكەك شەھىرىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئادىل تۇردۇقۇلوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «نەزەربايېف ئەمەلىيەتتە ھەم دۇنيا كۈن تەرتىپىنى، ھەم قازاقىستان ئۆزىدىكى ئىچكى سىياسەتنى ياخشى چۈشىنىدىغان ھەم ھېس قىلالايدىغان ئادەم. ئۇ، بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى رەھبەرلىك قىلغان قازاقىستاننىڭ ھازىر قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ باشقىچە بولۇپ، ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ياخشى چۈشەندى. بۇ دانىشمەنلىك بىلەن قىلىنغان ئىش ھەم رايوننىڭ باشقىمۇ رەھبەرلىرىگە ئۈلگە بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. قازاقىستان سۆزسىز مەركىزىي ئاسىيادىكى لىدېر، يەنى رەھبەر مەملىكەتتۇر. ئۇ، بىرىنچىدىن، دۇنيانىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە ئوخشاش چوڭ مەملىكەتلىرى بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەر، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىلدى. ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. يېڭى كەلگەن پرېزىدېنت قاسىمجومارت توقايېفمۇ تاشقى سىياسەت ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. نۇرسۇلتان نەزەربايېف قاسىمجومارت توقايېفنىڭ قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىلگىرىكى سىياسىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت